• مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆك بلوگى توختىتىلىپ، ئىزنا توپلىمى ئېچىلغان ئىدى، ھازىر ئەسىلىدىكى كۆك بلوگى كۆكلەم بلوگى نامىدا ئەسىلىگە كەلتۈرۈلدى. كۆك بلوگى توختىغان مەزگىلدە يېزىلغان تېمىلار يەنىلا ئىزنا توپلىمىدا. ئوقۇرمەنلەر ۋاقىپ بولۇپ قالسا. كۆكلەم ...
  • blogbusنىڭ راي بېتىدە ئارامگاھ ئەپەندىم باشىلىغان <<باشقىلارنىڭ بلوگ سۇپىسى ياخشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ سۇپىسىمۇ؟>> دېگەن تېمىدىكى راي پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەن تۇنجى كۈنى كىرىپلا << قايسى ياخشى بولسا شۇنى ئىشلىتىمەن >> دېگەن تۈرنى تاللاپ قويغان ئىدىم،قارىسام ماڭا ئوخشاش تاللىغانلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدىكەن.

  • ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئەڭ كىچىك ئۆلچىمى 600*800 بولىدۇ. شۇڭا تور بەت ياسىغاندا مۇشۇ ئۆلچەمنى بىلىش مۇھىمراق. بىراق، بىز تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان تور بەت يۈزىنىڭ چوڭلىقى ئاران 18*18 كېلىدۇ!
  • قەدىمى ئەسىرلەردىن بىرى بارلىق دىنلار ئۆزىنىڭ ئالىملىرى، پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىنى شۇ دىنلارنىڭ شەرئى قانۇنلىرى بويىچە بىتەرەپ قىلاتتى. ھاكىملارنىڭ ئالىملارغا قانچىدىن-قانچە يېقىن بولىشى ئۇممەتنى شۇ ئۇممەتنىڭ شەرىئىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇراتتى. ئەكسىچە بولغاندا يەنىلا ئۇممەت شەرىئىتىدىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئالىملار بىلەن ھاكىملار ئوتتۇرىدىكى يېقىنلىق ئىسلامنىڭ باشلانغۇچ ئەسىرلىرىدە نامايەن بولغان. ئىسلام شەرىئىتى گۈللەنگەن بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيا تەرەققىياتىدىمۇ گۈللىنىش يۈز بەرگەن.
  • Qin shihuangچىن شىخۇاڭ(秦始皇) مىلادىدىن ئىلگىرى 259-مىلادىدىن ئىلگىرى 210- يىللاردا ياشىغان. جۇڭگۇدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن چىن سۇلاسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يىڭ جېڭ(赢政)، ئون ئۈچ يېشىدا چىن بەگلىگىنىڭ بەگلىك ئورنىغا چىققان، 39 يېشىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ،ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگۇ تارىخىدىكى خانلار ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتايدىغان بولغان. [皇帝دېگەن گەپ خەنزۇ رېۋايەتلىرىدىكى قەدىمكى ئادىل ھۆكۈمدارلار دەپ تەرىپلىنىدىغان 三皇五帝دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئاشۇ ھۆكۈمدارلاردىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، ئۆزىنى  皇帝 دەپ ئاتىغان.]

  • بۇ يازمىدا تور كۆرگۈچكە A تور بەتنىڭ ئادرىسىنى يازغاندا ئاپتوماتىك ھالدا B تور بەتكە ئۇلىنىدىغان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تونۇشتۇرىلىدۇ.
  • تاسادىبىي پۇرسەتتە بۇنى بايقاپ قالدىم. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېزىقىمىزنى ئەرەب يېزىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەب بىز ئىشلىتىۋاتقان فونتلاردا ئەرەب يېزىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يازغاندا چاتاق چىقماسلىقى لازىم ئىدى. تاسادىبىي بىر پۇرسەتتە مەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان( بەلكىم ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن) UKIJ Tuz Tom نۇسخىسىدا مۇشۇ مەسىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.